باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار پارتىيە قۇرۇلتىيى سەھنىسىگە چىقتى

2012.11.09 09:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدىكى 2 مىڭدىن كۆپرەك 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئىچىدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن كەلگەن پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

  ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۇقراۋىي ئىگىلىك كارخانىچىلىرىمۇ، ئادۋوكاتلارمۇ، بوغالتىرلارمۇ، يەنە پۇقراۋىي كارخانا ۋە چەتئەل كارخانىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ بار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلانغان، تۈرلۈك يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ كارخانا ۋە تەشكىلاتلاردىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىلغارلار پارتىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا كېلىپ، پارتىيەگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  يېزا چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىرى شى يېچۈەن 1974- يىلى پارتىيەگە كىرگەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۆزى پارتىيە مەكتىپىدە ئۆگەنگەنلىرىنى كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغار ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن كارخانا مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرۈشكىچە پارتىيە تەربىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىشنى تەكىتلىدى.

  ۋەكىل شېڭلى چەتئەل كارخانىلىرى توپلاشقان شاڭخەيدىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر نوكىيا،سىمىنىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بېيجىڭ چەكلىك شىركىتى جۇڭگو رايونى تىجارەت باشقۇرۇش ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، چەتئەل كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان شېڭ لى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

  ئىچكى موڭغۇللۇق قىزچاق يەن ۋېنجىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىدىن پۇقراۋىي كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان شۇنداقلا سىرتتىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلەر سالاھىيىتى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ ياش پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، يەن ۋېنجىڭ گۇاڭدوڭدىكى2000 دىن ئارتۇق سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىچىدىكى بىردىن بىر پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن زېممىنىسىدىكى يۈكنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاش ئۈچۈن جۇڭشەن شەھىرىدىكى بارلىق بازارلارنى كېزىپ چىقتى، ئۇ ھەتتا مەخسۇس سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنت مەكتىپىگە بېرىپ، بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئىشلەمچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە