- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سەي مىڭجاۋ: 18-قۇرۇلتايدا بەش مۇھىم قارالما بار
2012.11.08 15:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 16:30 مىنۇت ئۆتكەندە، ج ك پ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلق سارىيى 3-قەۋىتىنىڭ ئالتۇنرەڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلدى، 18-قۇرۇلتاينىڭ باياناتچىسى سەي مىڭجاۋ جۇڭگو-چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا 18-قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى ۋە يىغىن كۈنتەرتىپىنى تونۇشتۇردى. خەلق تورىنىڭ مۇخبىرى نەق مەيداندا ئاخبارات يىغىنىنى سۈرەت، يېزىق، سىن ئارقىلىق خەۋەر قىلدى.
سەي جاۋمىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 18-قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق يىغىنىنى چاقىرىپ، يىغىن كۈنتەرتىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەيئەت رىياسىتىنى سايلاپ چىقتۇق، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەييارلىق يىغىندا قارار قىلىنغان قۇرۇلتاينىڭ قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە: پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى) نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە