باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى

2012.11.08 16:04  

ئوباما مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى

  6-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا، ھازىرقى پىرېزىدېنت، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئوباما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى رۇمىنىنى مەغلۇب قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

  ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى چوڭ تېلېۋىزىيە تورلىرىنىڭ 7-نويابىر كېچىدە ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئوباما 303 ئاۋازغا ئېرىشكەن، بۇ غەلبە قىلىشقا ئېھتىياجلىق 270 ئاۋازدىن خېلىلا كۆپ. رۇمىنى بولسا 206 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

  ئوباما سايلامدا غەلبە قىلىش نۇتقى سۆزلەشتىن بۇرۇن، رۇمىنى ئوباما بىلەن تېلېفون سۆزلىشىپ، سايلامدا مەغلۇب بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، ھەمدە ئوبامانىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى مۇبارەكلىگەن. ئارقىدىن، رۇمىنى بوستوندىكى سايلام باش ئورگىنىدا قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كۈچلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئىككى پارتىيە پارلامېنتتا بىر-بىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىپ، سىياسىيدىكى قاتمالىقنى بۇزۇپ تاشلىشى كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز