- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ما چىڭخۇا تۇنجى جۇڭگولۇق F1 ئاپتوموبىل ماھىرى بولۇپ قالدى
2012.11.08 09:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
6-نويابىر، شاڭخەي تەنتەربىيە ئىدارىسى شاڭخەي خەلقئارا تېننىس توپ مەركىزىدە ئاخبارات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ئاپتوموبىل ماھىرى ما چىڭخۇانىڭ HRT ئاپتوبوبىل ئەترىتىگە ۋەكىل بولۇپ، 2013-يىللىق F1 ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى جۇڭگولۇق F1 ئاپتوموبىل ماھىرى بارلىققا كەلدى.
ما چىڭخۇا1987-يىلى 25-دېكابىر شاڭخەيدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2012-يىلى 5-ئاپرېل HRT ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرلار يېتىشتۈرۈش پىلانىغا تىزىملاتقان، 12-ئىيۇل Silverstone مۇسابىقە مەيدانىدىكى F1 يېڭى ماھىرلارنى تاللاشقا قاتنىشىپ، ئىككى ئايدىلا F1 دەرىجىدىن تاشقىرىلار پىراۋىسىغا ئېرىشكەن، ئارقىدىن F1 تەييارلىق مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا باشلىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە