باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمالىي شىنجاڭدا 1200 بېلەت، 200 مىڭ يۈەنگە چېتىشلىق بولغان ئەڭ چوڭ بېلەت پويىز بېلەت ھايانكەشلىك دېلوسى ئېنىقلاندى

2012.11.07 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈنكى كۈندىكى بېلەت سېتىۋىلىشنىڭ تەسلىكىدىن پايدىلىنىپ جاڭ چىڭمىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) توردا بېلەت سېتىش سۇپىسى ئارقىلىق، دۇكاننىڭ سىرتىغا پويىز بېلىتى سېتىش ئېلانىنى چىقىرىپ ، پۇل تاپقان، يېرىم يىلدىن بۇيان، ئۇ تور ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا 1200 دانە بېلەتكە باھا چاپلاپ ساتقان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما 200 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ شېرىن چۈشى ئاخىر ئاياقلىشىپ، تۆت كۈن ئىلگىرى ئۇ كۇيتۈن تۆمۈر يول ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

  4-نويابىر، مۇخبىرنىڭ كۇيتۇن تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋوگزال بېكىتى ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تور ئارقىلىق ساختا بېلەت سېتىش دېلوسى تور ئارقىلىق بېلەت سېتىش باشلانغاندىن بۇيانقى، كۇيتۇن تۆمۈر يول ساقچىخانىسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ تور ئارقىلىق ساختا بېلەت سېتىش دېلوسى ئىكەن.

  ساقچىخانىدىكى دېلوغا مەسئول ساقچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 28-ئۆكتەبىردىن بۇيان كۇيتۇندە تۇنجى قېتىم پاختا تېرىدىغان ئىشچىلارنى مەخسۇس توشۇش پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، تۆمۈر يول ساقچىخانىسىدىكىلەر ھەركۈنى پويىزغا ئولتۇرغان پاختا تەرگۈچىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر كىشىنىڭ يۇقىرى باھالىق بېلەت سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان.

  خەلق ساقچىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، بۇ يۇقىرى باھالىق بېلەتلەرنىڭ ھەممىسى 24 ياشلىق جاڭ چىڭمىننىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) قولىدىن چىققان بولۇپ، ھەر بىر بېلەتكە ئايرىم ـ ئايرىم 20 يۈەندىن 30-يۈەنگىچە پۇل قوشۇپ ساتقان ئىكەن.

  يېقىندا، جىنايەت گۇماندارى جاڭ چىڭمىن ساقچىخانا تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلىۋېتىپتۇ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە