باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟

2012.11.07 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. قۇۋۋەت ئىچىملىگى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويامدۇ؟ يېقىندا، 14 ياشلىق ئامېرىكىلىق قىز ئىككى قۇتا «غەلىتە مەغلۇق» ماركىلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكىنى ئىچكەندىن كېيىن، يۈرىكى توساتتىن سوقۇشتىن توختاپ قېلىپ، 6 كۈندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. دوختۇرخانا چىقارغان دېئاگنوز ئىسپاتىدا، كوكائىندىن زەھەرلىنىپ، يۈرەك سوقۇشى تەكشى بولمىغان، دەپ كۆرسىتىلگەن.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا قۇۋۋەت ئىچىملىك ساھەسىدىكى كۇرسلۇق مەھسۇلات «قىزىل كالا» ئىچىملىكىگە «خۇرۇچنى قانۇنسىز قوشۇش» ۋەقەسى توغرىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە بولۇپ، قۇۋۋەت ئىچىملىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىر مەزگىل قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان.

  قۇۋۋەت ئىچىملىكى ساغلاملىق ئىچىملىكىمۇ ياكى ئاددەتتىكى ئىچىملىكمۇ؟ ھەممە ئادەم ئىچسە بولامدۇ؟ ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن، تاللا بازىرى، تۈرلۈك ماللار دۇكىنىغا كەڭ تارقالغان قۇۋۋەت ئىچىملىكىدە ناھايىتى كۆپ نامەلۇم خۇرۇچلار بار.

  جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى چېن زۇخۈي دوكتۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەگەر ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە كوكائىن بولسا، ئارىلاپ ئازراق ئىچسە روھلاندۇرىدۇ، ئەمما مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ، ھەر قېتىمدا 200 مىللىگىرامدىن ئاشۇرۇپ ئىچسە ، بەدەنگە زىيان قىلىپ، جىددىيلىشىش، تىت-تىت بولۇش، تىتىرەش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قىسمەن قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرىنىڭ تەركىبىدە كوكائىن بار بولۇپ، يۈرەكنى غىدىقلاش رولى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا قۇۋۋەت ئىچىملىكىدىكى ناترىي قاتارلىق ماددىلار ئورگانىزىملار ۋە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۈرۈپ، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا، قان بېسىمى يۇقىرى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى قۇۋۋەت ئىچىملىگى ئىىچمەسلىگى كېرەك ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا ھامىلدار ئاياللارمۇ قۇۋۋەت ئىچىملىكى ئىىچمەسلىگى كېرەك ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە