باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەگەر ھەربىي توقۇنۇش بولۇپ قالسا ئامېرىكا ئەسكەر ئەۋەتىپ ياپونىيەنى قوغدامدۇ؟(1)

2012.11.07 16:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-ئۆكتەبىردىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: ئەگەر ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئامېرىكا ئەسكەر ئەۋەتىپ ياپونىيە قوغدامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ۋاقىتلىق مۇۋەققەت باياناتچىسى مارك تۇرنا : بۇنداق قىياسلارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن، دېدى. تۇرنا ئامېرىكىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى ئىزچىل مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى بوشاۋاتىدۇ. ئېنىقكى، ئامېرىكا ياپونىيە ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى روشەن ئىپادىلەۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا بوشىسىلا، ئەسلى لىڭشىپ تۇرغان يوشىخوكونادا كابىنېتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسىدە يوشىخوكونودانىڭ تەختتىن چۈشىشىنى مۇراجىئەت قىلىش سادالىرىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلىدىكى بىر قىسىم سىياسىي ئويۇنىنى كۆرۈپ يېتىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيەگە ئەگىشىشنى خالىماسلىقى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ يۆلىنىشى.

  2010-يىلى 4-ئايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى خاتوياما يوكىيو بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆلكە باشلىقلىرى يىغىنىدا «دياۋيۈ ئارىلى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى جۇڭگو بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ توكيو ھاكىمى شىنتارو ئىشخارانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئاخىرىدا ئۇ بالدۇرلا تەختتىن چۈشۈپ كەتكەن. شۇ ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدە ھەرقانداق ئادەم دياۋيۈ ئارىلىدا تالاش-تارتىشنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىقرار قىلسا بولمايدۇ دېگەن قائىدىنى بېكىتىلىپ قالغان. 2012-يىلى 4-ئايدا شىنتارو ۋاشىنگتوندا ئارال سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: 9-ئايدا يوشىخوكو ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، دېگەن. ھازىرقى نەتىجە شىنتارو ئىستىپا بەردى، پارتىيە قايتا تەشكىللىنىدۇ، يوشىخوكونودانىڭمۇ ئورنىنى ساقلىيالىشى تەسكە چۈشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى دياۋيۈ ئارىلى ئاشۇ باشلامچىلارغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىدى. ئامېرىكىمۇ ئۇ قولنى كۆيدۈرىدىغان مەسىلىدىن يىراق تۇرۇشنى ھېس قىلىپ يەتتى.

  جۇڭگو بولسا ئالغا قاراپ ماھىيەتلىك چوڭ قەدەم تاشلاپ، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق چارلاشنى باشلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ دياۋيۈ ئارىلى تالاش-تارتىشىنى بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ. ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى ماخېرانىڭ ئاۋارىچىلىقنى ئىشىخارا كەلتۈرۈپ چىقاردى دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. يىغىپ ئېيتقاندا، ياپونىيەنىڭ سىياسىي ساھەسى ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغان ئىشىخارا بىلەن كۆپ بىرلەشمەسكىلى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە