باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ(1)

2012.11.08 16:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. چۈنكى 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنى كېيىنكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش، ئۆزىنىڭ دۆلەتنى توغرا يولغا يېتەكلەپ ماڭالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرىنچىلىك رېكورتىنى ياراتقان پىرېزىدېنتلىق تارىخىي ئورنىنى بېكىتىش ئاسان ئىش ئەمەس.

  قەدىرلىك دوستلار، بىر يىلدىن كۆپرەك رىقابەتلەشكەن، ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق خىراجەت كەتكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىقتى. ئۆتكەن 70 يىل ئىچىدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۇنجى قېتىم %7.4 تىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇدا پىرېزىدېنت بولغان ئوباما پەقەت پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان كۈنىلا خۇشال بولدى، چۈنكى 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنى كېيىنكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش، ئۆزىنىڭ دۆلەتنى توغرا يولغا يېتەكلەپ ماڭالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئاخىرىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرىنچىلىك رېكورتىنى ياراتقان پىرېزىدېنتلىق تارىخىي ئورنىنى بېكىتىش ئاسان ئىش ئەمەس.

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى پەن رۈي مۇنداق دەپ قارىدى: ئالدى بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشى ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان تەرەققىي تاپقان ئەللەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇردى، 9-ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى قايتىدىن %8 لىك ئۆتكەلدىن تۆۋەنلىدى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىساد ئىشەنچىسى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوباما يولغا قويغان ئاپتوموبىل كەسپىنى قۇتقۇزۇش لايىھەسى مىچىگان، ئوخىئو قاتارلىق سايلام قارىشى تۇراقسىز ئىشتاتلاردا نۇرغۇن ئىش ئورنى ياراتتى، بۇ ئىشتاتلارمۇ سايلامدا ئۇنىڭغا كۆپ ئاۋاز بەردى. ئىككىنچىدىن، بىخەتەرلىك قارالمىسىدا، ئوباما ئامېرىكىنى ئىراق، ئافغانىستان مەسىلىلىرىدىن تەدرىجىي قۇتۇلدۇرۇپ، ئامېرىكىلىقلارنى بېن لادىن قالدۇرغان ئازابتىن خالاس قىلدى، بۇ ھەقىقىي نەتىجە قۇرۇلۇشى بولدى. ئاخىرىدا، ئوباما تۇيۇقسىز چىققان ساندى قارا بورىنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قوللىغۇچىلارغا ئىگە بولدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە