باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سەي مىڭجاۋ: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ

2012.11.08 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 18-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سەي مىڭجاۋ بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سەي مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پارتىيە نىزامنامىسى 1982-يىلى 9-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 12-قۇرۇلتىيىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېكىتىلگەن. 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈپ مەزمۇنىنى مۇقىم ساقلاش شەرتى ئاستىدا، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ تەرەققىيات-ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پارتىيە 13-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ كەلدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، بۇ تۈزىتىشلەر پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق بولدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە