باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھىندىستان بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولدى(1)

2012.11.08 16:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەدە چىقىدىغان «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىيەدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ يېقىن بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە دېيىلدى. خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. بۇندىن باشقا، ياپونىيەنىڭ دېڭىز قوغدىنىش قىسمى بىلەن ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەھلىلىدە ياپونىيە جۇڭگونىڭ دېڭىزدا كېڭىيىشىدىن ئوخشاشلا ئەمدىشە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرمەكتە دەپ ھېسابلاندى.

  «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: سىنگى 15-نويابىر ياپونىيەدە تۆت كۈن زىيارەتتە بولىدۇ. خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 16-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە بىلەن ھىندىستان باشلىقلىرى سۆھبىتىدە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز بىخەتەرلىكى كاپالىتى ھەققىدىكى ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا ئىككى دۆلەت يەنە ياپونىيەنىڭ دېڭىز قوغدىنىش قىسمى بىلەن ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزۈشى ئۈستىدە كېڭىشىدىكەن. ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ياپونىيەنىڭ ئەتراپى ھەمدە ھىندى ئوكياندا ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

  خەۋەردە يەنە مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: 22-ئۆكتەبىر ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە، مۇداپىئە تارماقلىرى توكيودا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈپ، ھىندى ئوكياندا دېڭىز قوغدىنىش قىسمى بىلەن ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزۈشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ھىندىستاننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىتلىك ئېچىشنى پىلانلىغاندا جۇڭگونىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ھىندىستانمۇ جۇڭگودىن ئېھتىيات قىلىشنى كۈچەيتكەن. ياپونىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى ئامېرىكىنىڭ قەدىمى بىلەن بىردەك بولۇپ، بۇ ياپونىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە مۇندىن بۇرۇن مۇنداق دەپ خەۋەر بېرىلدى: سىنگى يەنە ياپونىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تېز سۈرەتلىك تۆمۈر يول يېڭى غول لىنىيىسىنى كىرگۈزۈش ھەمدە ياپونىيەنى سىرەك يەر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن. ھىندىستان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4100 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتە يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىغان. رېلىس ئورنىتىشدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرى قاتناش باشلاش، ياپونىيە كارخانىلىرى بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى قانداق ئۈستىگە ئېلىشقىچە، بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە