باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالغانلىقىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2012.11.08 16:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو ئەرەب ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو «جۇڭگو-ئەرەب ۋاقىت گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىلىرى 18-قۇرۇلتاي ھەققىدە ئەركىن پاراڭلىشىش سۆھبەت يىغىنى»دا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە، پەلەستىن، تۇنىس، سومالى، جىنۇتى، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىلىرى كەڭ-كۇشادە سۆزلەشتى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ئۆمەر بەيتار مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە خەلقىگە چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلەيدۇ. تەرەققىيات يولىدا جۇڭگو رەھبەرلىرى ۋە خەلقى خىرىسلارغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. دۇنيا جۇڭگوغا كۆز تىكمەكتە، جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيىغا دىققەت قىلماقتا. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقى 18-قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگونىڭ دۇنياغا تۆھپە قوشۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  ئالجىرىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى خاساننا لانېكسى مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئەجدىھا يىلى. 18-قۇرۇلتاينىڭ ئەجدىھا يىلىدا ئېچىلىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت، كۈچ-قۇدرەت، ئەقىل پاراسەت ۋە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان يىل.

  تۇنىسنىڭ جۇڭگودىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇھەممەت ھەيدەر سۇلتانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ناماياندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش، شۇنداقلا جۇڭگو تارىخىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان بەلگە خاراكتېرلىك پەيت. ئىشىنىمەنكى 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن تۇنىس بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، تېخىمۇ كەڭ ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ.

  پەلەستىننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ئەخمەت رامادان، سومالىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىسى ئەنۋەر ئەلى كۇنلېيىن، جىبۇتىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇختەر ھەسەن ھۈسەيىن قاتارلىقلار 18-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا بەس بەستە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە