- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئالتايدا قېلىن قار ياغقانلىقتىن ئايرودروم تاقىلىپ قالدى
2012.11.08 15:54 مەنبە: خەلق تورى
6-نويابىر كېچىدىن 8-نويابىر كېچىگىچە، شىنجاڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-نويابىردىن باشلاپ ئايرىم ـ ئايرىم بوران ۋە قاردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى. 7-نويابىر مۇخبىر خەۋەر تارقاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئالتاي ئايرودرومى قېلىن قار ياغقانلىقتىن تاقىلىپ قالغان.
نۆۋەتتە، قېلىن قار يېزا تاشيول قاتنىشىغا توسالغۇلۇق قىلغانلىقتىن، ئالتاينىڭ ھەر قايسى ناھيە- شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاپتوموبېللىرى پۈتۈنلەي توختىتىلدى. مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئىككى كۈن ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىدە يەنىلا قېلىن قار ياغىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتورا نۆلدىن تۆۋەن 36 سېلسىيە گىرادوسقا يېتىدىكەن. سۈرەتتە 2012-يىلى 7-نويابىر ئاھالىلەر قار يىغىلىپ قالغان كوچىدا كېتىۋاتماقتا.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە