باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» ماۋزۇلۇق باش ماقالا ئىلان قىلدى

2012.11.08 13:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى 8-نويابىر «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى ــ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» ماۋزۇلۇق باش ماقالا ئېلان قىلدى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ۋە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىۋاتقان، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە ئۆزگىرىش ياساش تېزلىتىلىۋاتقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پەيتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم يىغىن. يىغىندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىنىدۇ. 18-قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش، پارتىيىمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇلارنى باشلاپ داۋاملىق ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىپ، زور ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  باش ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارىخ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ يۆلەنچۈكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈلاتلارنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيىدە. 80 مىليون پارتىيە ئەزاسى ۋە بىر مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2200دىن ئارتۇق ۋەكىل، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، دېموكراتىيىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئاچالايدۇ ھەمدە ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شانلىق تارىخى سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە