- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
18-قۇرۇلتاينىڭ تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى
2012.11.08 09:30
7-نويابىر سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى خەلق سارىيىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە 18-قۇرۇلتاينىڭ تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچتى، تەخمىنەن 600 نەپەر جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىر قاتناشتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جەي خۇيشېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، 18-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سەي مىڭجاۋ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارغا 18-قۇرۇلتايغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە يىغىن كۈنتەرتىپىنى تونۇشتۇردى.
سەي مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى 8-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، يىغىن 8-نويابىردىن 14-نويابىرغىچە جەمئىي 7 كۈن ئېچىلىدۇ، 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى تەييارلىق يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىن كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى سايلاپ چىقىلدى، تەييارلىق يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭنى يىغىننىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاش ماقۇللاندى، تەييارلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسلىق كۈنتەرتىپلەر مۇنداق: پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش، «جۇڭگو كومپارتىيەسى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى»نى قاراپ چىقىش ۋە ماقۇللاش، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنى سايلاپ چىقىش، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىش.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2012 by www.people.com.cn. all rights reserved