باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي ئېرۇسالىمغا سالماقچى بولغان 1285 يۈرۈش ئۆيگە خېرىدار چاقىردى

2012.11.07 16:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي ئېرۇسالىمغا سالماقچى بولغان 1285 يۈرۈش ئۆيگە خېرىدار چاقىردى.

  خېرىدار چاقىرىش پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يېڭى سېلىنىدىغان ئۆيلەرنىڭ 606 يۈرۈشى رامورت رايونىغا، 607 يۈرۈشى پىسجاتئەيروف رايونىغا سېلىنىدىكەن. بۇ ئىككى يەھۇدىيلار مەھەللىسى 1967-يىلىدىكى چېگرانىڭ سىرتىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر ئېروسالىم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا. بۇندىن باشقا، تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولىۋاتقان ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئالىئېرىل رايونىدا 72 يۈرۈش ئۆي سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئىسرائىلىيە 1967-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، بۇ رايونلاردا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشقا باشلىغان.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە