- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خۇ جىنتاۋ تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ ئوبامانىڭ يەنە پىرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2012.11.08 09:23
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكمىسىنىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ ئامېرىكا چوڭ سايلىمى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئايرىم ئايرىم ئوباماغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بېدىنگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى پائال راۋاجلاندى، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرگە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2012 by www.people.com.cn. all rights reserved