- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«كانادا بىلەن ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇش كېلىشىمى» ھەققىدىكى سۆھبەت ئاياغلاشتى
2012.11.07 16:42
كانادا باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، «كانادا بىلەن ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇش كېلىشىمى» ھەققىدىكى سۆھبەت ئاياغلاشقان، مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى دۆلەت 2010-يىلى 6-ئايدا ئىمزالىغان يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى يولغا قويۇلىدۇ.
ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان كانادا باش مىنىسىتىرى سىتىفىن خاربور ھىنسدىستان زۇلىسى سىنگى بىلەن شۇ كۈنى بۇ خەۋەرنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كانادا ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادور ھەمكارلىقى كېلىشىمى ۋە «كانادا بىلەن ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇش كېلىشىمى»گە ئاساسەن كانادا كارخانىلىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ كاپالەت تەدبىرلىرى ئاساسىدا، ھىندىستان بىلەن كونترول قىلىنىدىغان يادرو ماتېرىياللىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى قىلىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە