باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىك ساتقان شەخىسلەر ياكى تىجارەتچىلەرنى ئېغىر جازالاشنى ماقۇللدى(1)

2012.11.07 15:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىك ساتقان شەخىسلەر ياكى تىجارەتچىلەرنى ئېغىر جازالاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆپ ھاراق ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىماقچى بولدى. لېكىن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسللەر، پەقەت كۆپ جەرىمانە ئېلىش بىلەنلا بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇن لايىھەسىدە، ئۆسمۈرلەرگە ھاراق ساتقان شەخسلەرگە قويۇلىدىغان جەرىمانە ئەسلىدىكىدىن 10 ھەسسە كۆپەيتىلدى، جەرىمانە سوممىسى تەخمىنەن 6000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە بولدى؛ دۇنكانلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە سوممىسى بولسا، 60 مىڭ يۈەندىن 80 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. قوللىغۇچىلارنىڭ ھېسابلىشىچە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھاراق ساتقان شەخىسلەر ۋە تىجارەتچىلەرگە كۆپ جەرىمانە قويۇش ئۇلارغا ھەيۋە كەلتۈرگەنلىكتىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆپ ھاراق ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

  رۇسىيەلىكلەرنىڭ «ھاراق ئىچەلەيدۇ» دېگەن نامى بار، ھالبۇكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆپ ھاراق ئىچىشى ئىزچىل جاھىل كېسەل بولۇپ كەلدى. رۇسىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە رۇسىيەدىكى 11 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىچىدە، %80.8 كىشى دائىم ھاراق ئىچىدىكەن، كۆپ ھاراق ئىچىش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغان يېزىلاردا بولسا بۇ سان %90كە يېتىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەدە ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ يېشى كىچىكلىشىش ھادىسىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھاراق ئىچىشى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، تولۇق يېتىلمىگەن ياش-ئۆسمۈرلەر كۆپ ھاراق ئىچسە ئاسانلا ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ، تېنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن. بۇندىن باشقا، ھاراق جىق ئىچىشۋېلىش دائىم جىنايەت بىلەن باغلىنىپ قالىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاسانلا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى باشقىلارغا زىيان سالىدۇ. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ھاراق ئىچىپ جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى رۇسىيەدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ %80 ئىگەللەيدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە