باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار پۇختا خىزمەتلىرى بىلەن 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالماقتا

2012.11.07 09:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا جايلار مول مەزمۇنلۇق رەڭگا رەڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇشال خۇرام ، ئىتتىپاق، ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىيات بىلەن 18-قۇرۇلتاينىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا.

  تۈنۈگۈن گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئۆلكىلىك ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش بويىچە نۇقتىلىق كىتابلارنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى كىتابخانلار نەشرىياتى گۇرۇھىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، 4-نويابىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات سەنئەت خادىملىرىدىن بولۇپ 40 نەچچە كىشى سانجى شەھىرىنىڭ بىنخۇ بازىرىغا كېلىپ، ھال سوراش يۈزىسىدىن ئويۇن قويدى، بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات سەنئەت خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقان، چارۋىچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، مەھەللە ئاھالىلىرى، ئورگان كادىرلىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئۈچۈن ئويۇن قويۇپ، خۇشاللىق ئاتا قىلدى، سەنئەتچىلەر ھەممىلا يەردە ئويۇن قويۇپ، خەتتاتلىق لېكسىيەسى سۆزلەش، فوتو سۆرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئۈچۈن گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  3-نويابىر كەچتە جياڭسۇ ئۆلكىسى فېڭچېڭ شەھىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى مەلۇم قىلىش بويىچە ئويۇن قويۇپ 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالدى، فېڭچېڭ شەھىرى مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلىش، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلىش بويىچە ئومۇمىي خەلق بىرلىكتە مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى، 5 يىلدىن بۇيان، مەزكۇر شەھەر ياخشى كىشىلەرگە، قەھرىمان نەمۇنىچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ھۆرمەت قىلىش بويىچە ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسەت تەدبىر تۈزۈپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، سەمىمىي بولۇش، ئۆز كەسپىنى سۆيۈش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، ۋاپادار بولۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاقنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇردى.

  چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ خېچۈەن رايونى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇش يىلىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى تەشكىللەشتە مەركەزدىن ئىبارەت ئومۇملۇققا چوڭقۇر سىڭىش، پارتىيەلىك كادىرلارغا چوڭقۇر سىڭىشىش، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىش ئېتىقادىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەشكىلىي خىزمەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى ۋە يۆنىلىشىنى پۈتۈن رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە قارىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  نۆۋەتتە قىشلىق ساقلايدىغان يېسىۋېلەكنى بازارغا سالىدىغان، كۆمۈر قالايدىغانلار كۆپ بولىدىغان، يوپۇرماق كۆپ چۈشىدىغان، ئەخلەت كۆپىيىدىغان مەزگىل، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك مەشغۇلات سۈپىتى ۋە ياخشى خىزمەت ئىستىلى بىلەن 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن پاكىز، گۈزەل شەھەر مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قارىتا مۇھىت تازىلاش ئەترىتى شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ھاۋا رايى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسى ساقلاپ، ناچار ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ قويدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە