باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالار 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە

2012.11.08 11:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، دۆلەت ھەر ساھە ئاممىسىدىن كەلگەن خەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى، بۇ خەتلەردە پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە مەڭگۈ پارتىيە ئەگىشىپ مېڭىش قەتئىي ئىشەنچىسى ئىپادىلەنگەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا بولغان ئىنتىزارلىقى نامايان قىلىنغان.

  بۇ كاتتا مەرىكىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىنتىزار بولۇش، خۇشاللىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىش، قىزغىن مۇھاكىمە قىلىش-نۆۋەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىشقا ئايلاندى. خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىن پارتىيە قۇرۇلتىيىغىچە، يەرلىكتىكى كاتتا مەرىكىلەردىن مەركەزدىكى كاتتا مەرىكىگىچە، پۇقرالار قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. پۇقرالارنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 18-قۇرۇلتايغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ بۇنچىۋالا يۇقىرى بولۇشىدا، مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى ئۈمىدى ئاساس قىلىنغان: 1-تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دانا تەدبىرى ۋە رەھبەرلىكىدە، خەلق ئىگىلىكى سىجىل راۋاجلىنىپ، ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 2-ئورۇنغا ئۆتتى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئىقتىساد ھالقىما تەرەققىي قىلدى ھەم ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى، ئاددىي پۇقرالارنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپىيىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قىسىم چوڭ تۈر، فاڭجېن، سىياسەت، تەبىرلەر، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يۆنىلىشلەر ھەر بىر پۇقرانىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولدى، شۇڭا، پۇقرالار بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەپ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى.

  2-دۆلەتنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئون يىل ئىچىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، باتۇرانە ئالغا بېسىپ، چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جىددىي ئىشلار، قىيىن ئىشلارغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، بىر-بىرلەپ مۇھىم سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى. دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدە، مەيلى سىياسىي، ئىقتىساد بولسۇن، مەيلى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ بولسۇن، جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەتتە بارغانسېرى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىي ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىدى. مۇشۇنداق بولغاچقا، پۇقرالار پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 18-قۇرۇلتايدىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

  18-قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسى ئارىسىدا، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا ئىنتىزار بولۇۋاتقانلارمۇ، ئەقىل-چارە كۆرسىتىۋاتقانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەھەرلىكلەر، بەزىلىرى يېزىلىقلار؛ بەزىلىرى زىيالىيلار، بەزىلىرى ئىشچىلار، دېھقانلار. يىغىپ ئېيتقاندا، كۆپچىلىك پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىمەكتە، پارتىيەگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ شانلىق ئون يىلنى كۈتۈۋالماقتا.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە