باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرەيلى

2012.11.10 12:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يولداش ۋېن جياباۋ 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋ بەرگەن دوكلاتنىڭ نەزەر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىش ئاساسىدا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولغان ۋاقىتتىكى كۈرەش نىشانى ۋە ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىي، نەزىرىيەۋى ئىجادچانلىقى، ئومۇميۈزلۈك نەزەر دائىرىسى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانى بار. بىز چوقۇم بۇ دوكلاتنى ئەستايىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  سۈن شياڭرۈي، شېن دوڭخەي، يۈەن بىنبو، ۋاڭ خېشېڭ قاتارلىق 11 نەپەر ۋەكىل 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلدى.(يۈ مېڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە