باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق نەتىجە›› چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى

2012.11.10 12:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى خەۋىرى. 9-نويابىر كەچ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ، ‹‹ ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق نەتىجە›› چوڭ تىپتىكى فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، نۇرلان ئابلىمەجىن، سۇڭ ئەيروڭ، جۇ خەيلۈن، ليۇ شىچى قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىنى كۆردى.

  ۋەكىل كۈرەش كەنجى كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن پەخىرلەندىم.

  ۋەكىل چېڭ جېنشەن مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ 16-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى ئون يىللىق شانلىق نەتىجىلىرىنى كۆردۇق، ھەمدە بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدۇق. پارتىيە18-قۇرۇلتىيى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 8-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
ۋەكىل تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە