باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس خۇ جىنتاۋ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى

بۇرچىمىزنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى

2012.11.10 12:10        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يولداش خۇ جىنتاۋ 9-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتى ـــ يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىرۇگراممىسى. بىز 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى دوكلاتقا ئەستايىل قاراپ چىقىپ، بەس-بەستە پىكىر بايان قىلدى. لو جىجۈن، لى شۆيۇڭ، چاڭ دېشېڭ، گۈەن ئەيگو، ۋاڭ مىن، خۇڭ يىنشىڭ، جاڭ لېي، شى لېي، خۇۋ جىڭجىڭ، ياڭ ۋېيزې قاتارلىق ۋەكىللەر جياڭسۇنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلىدى. خۇ جىنتاۋ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇردى، يىغىن كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە