باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلدى(1)

2012.11.10 08:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى (مۇخبىر پولات ئاماننۇرى): شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى 9-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00دە خەلق سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىگە جايلاشقان شىنجاڭ زالىدا مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بېيجىڭ، تيەنجىن، سەنشى، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۈي، شەندۇڭ، خۇنەن، سىچۈەن، يۈننەن، شىزاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلگەچكە، خۇددى ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلاردىكى نۇرغۇن مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. شىنجاڭ زالىمۇ ئوخشاشلا ھەر قايسى تاراتقۇلاردىن كەلگەن 100 گە يېقىن مۇخبىرنى جەلپ قىلغانىدى. زالغا كىرىشىڭىزگىلا ئالدى بىلەن سول تەرەپتىكى ئۈستەلگە تىزىلغان گۈزەل شىنجاڭ تەشۋىق قىلىنغان ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلار ۋە ئاترېتكىلار دىققىتىڭىزنى تارتماي قالمايدۇ. ھەتتا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قىسمەن ۋەكىللەرمۇ بۇ كىتابلاردىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى تاللىۋالدى. مەنمۇ تارىخ، مەدەنىيەت تېمىسىدىكى كىتابلاردىن سىرت يەنە بىر يۈرۈش ئاترېتكىلاردىنمۇ تاللىۋالدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ھەر قايسى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى چۈشىنىشىدىكى ئەھمىيەتلىك ئوقۇش ئىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە