باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بورتالا ئوبلاستىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2012.11.09 16:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى دۆلەتنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتى. نۆۋەتتە، جىڭ دەرياسى، ئورتاقساي دەرياسى، قاراتۇرۇق دەرياسى قاتارلىق ئۈچ ئوتتۇرا، كىچىك دەريانى تۈزەش، جەنۇبىي شەھەر رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى ھەمدە بورتالا شەھەر چىندىل دەرياسىنىڭ كەلكۈن بۆلۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدى. ئوبلاست بويىچە 52.54 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياساپ، بۇنىڭغا جەمئىي 100 مىليون 590 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ 2001-يىلىدىن بۇرۇن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغكە تەڭ كېلىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە