باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ «ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق نەتىجە» دېگەن تېمىدىكى سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرە

2012.11.10 12:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

9-نويابىر، 18- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى «ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت» كۆرگەزمىسىنى كۆردى.
  11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق نەتىجە» دېگەن تېمىدىكى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى بىر تۈركۈم ئالاھىدە تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالدى. سائەت 19دىن باشلاپ، 2000دىن ئارتۇق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار پەقەت تاماشىبىن بولۇپلا قالماي، مۇھىم باش پېرسۇناژلاردۇر.

  بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئالدىدا، جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بىر قانچە ۋەكىل «ۋوي، بۇ سىز ئەمەسمۇ!» دەپ ۋارقىراشقىنىچە بىردىنلا قۇرۇلتاي ۋەكىلى «ئەڭ گۈزەل ئانا» ۋۇ جۈپىڭنى سۈرەتنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىشتى. «ئېتىقاتنىڭ كۈچى» دېگەن تېمىدىكى بۇ سۈرەت دەل بۇ يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋۇ جۈپىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چاغدا تارتىلغان سۈرەت ئىدى. سۇس سېرىق رەڭلىك كاستۇم-يوپكا كىيگەن ۋۇ جۈپىڭ سۈرەتنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرىگىنىچە «ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى.

  جۇڭگو شىمال ئاپتوموبىل گۇرۇھى تاڭشەن ئاپتوموبىل شىركىتىدىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىلى جاڭ شۆسۇڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆزىنىڭ «كونا ھەمراھى» ــــ ئۇلارنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دېۋگاتىللار گۇرۇپىسى CRH3نىڭ مودېلىنى تاپتى. جاڭ شۆسۇڭ «جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئىشچىلىرىنىڭ بەلگە خادىسى» دەپ تەرىپلەنگەن، رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوكنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، رېمونت قىلىش ئىشچىسى، رېمونتچىلىق، سىلېسارلىق جەھەتتىكى ئالىي تېخنىك، «ئالتۇن كۆك ياقىلىق» دېگەن نامى بار.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە