تېرىق(小米)، تەسۋىگۈل(薏米)، لۇڭيەن(龙眼) ئۇمىچى
ماتېرىيال: تېرىق 25 گىرام، تەسۋىگۈل 15 گىرام ، لۇڭيەن مېۋىسى 20 گىرام .
تەييارلاش ئۇسۇلى: تېرىق، تەسۋىگۈل، لۇڭيەن مېۋىسىنى يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، 30 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئىچىشكە بولىدۇ .
شىپالىق رولى: تېرىقنىڭ تەمى سەل قىرتاق، تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلىقنى تولۇقلايدۇ؛ تەسۋىگۈلنىڭ تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، پەينى بوشىتىپ ئۇيۇشۇشنى يوقىتىدۇ؛ لۇڭيەننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، يۈرەك ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ماس كېلىدىغان ئالامەتلەر: چىرايى خۇنۈكلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چېچى سارغىيىش، خام سېمىز بولۇش، يەنى جۇڭگو تېبابىتى بويىچە تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلار.
ماس كېلىدىغان ياشتىكىلەر: بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلار.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ