مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەنھالىق كېسىلىگە بالدۇر دىياگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ

2019.11.29 18:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تەنھالىق كېسىلى دائىرىسىدىكى نېرۋا يېتىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئادەتتە بالىلار بىر نەچچە ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئېنىق دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ كۆز قارىچۇقى ئۆزگىرىشى ياكى يۈرەك رىتىمى دولقۇنىنى تەھلىل قىلىشنىڭ بۇ خىل كېسەللىكلەرگە ئالدىن دىياگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تەنھالىق كېسىلى شەجەرىسىدىكى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىمارنىڭ چوڭ مېڭە خولىن ئىقتىدارلىق نېرۋا ئايلانما يولى بىنورمال بولىدىكەن، ھالبۇكى، چوڭ مېڭە خولىن ئىقتىدارلىق نېرۋا ئايلانما يولى بىنورماللىقى بىمارنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ ئۆزلۈكىدىن كېڭىيىشى ياكى تارىيىشى ھەمدە يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىقىغا ئەگىشىپ كېلىدىكەن.

  ئامېرىكا بوستون بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەجرىبە چاشقىنىنىڭ كۆز قارىچۇقى ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، تەنھالىق كېسىلى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى، تەجرىبە چاشقىنىنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تارىيىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار بۇ تەجرىبە چاشقىنىنى تەخمىنەن 60 سائەت كۆزىتىش ئاساسىدا، بىر خىل چوڭقۇر ئۆگىنىش ھېسابلاش ئۇسۇلىنى «مەشىق» قىلىپ چىقىپ، بۇنى بىنورماللىق كۆرۈلگەن قارىچۇق ئۆزگىرىشى ئەندىزىسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن.

  ئاندىن تەتقىقاتچىلار بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق رېت ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 35 قىز ۋە سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى 40 نورمال قىزنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلغان. رېت ئۇنىۋېرسال كېسىلى تەنھالىق كېسىلى شەجەرىسى دائىرىسىگە تەۋە نېرۋا يېتىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بىماردا ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ئالامىتى ھەمدە تەنھالىق كېسىلى ئالامىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

  كۆز قارىچۇقىنى تەكشۈرۈش سەۋەبلىك بىمارنىڭ بىئارام بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار يۈرەك رىتىم دولقۇنىنى ئۆلچەم قىلغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشلا رېت ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پەرقلەندۈرەلىگەنلىكىنى، بىر-ئىككى ياشلىق بوۋاقلارغا توغرا دىياگنوز قويۇش نىسبىتىنىڭ %80 بولغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئۇسۇل بوۋاقلارنىڭ نېرۋا يېتىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش قورالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ خىل ئۇسۇلدا بوۋاقلارنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى رېت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى قاتارلىق تەنھالىق كېسىلى شەجەرىسىدىكى توسالغۇغا ئۇچراشقا قارىتا دەسلەپكى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تەمىنلەپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە يەنە بىمارنىڭ داۋالاشقا بولغان ئىنكاسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ