مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دولانە چۈچۈمەل مېۋە بولسىمۇ، يەنىلا يۇقىرى قەنتلىك مېۋىگە كىرىدۇ

2019.12.06 16:27 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كۆپچىلىك ئادەتتە مېۋە يېگەندە قانچە تاتلىق بولسا، قەنت مىقدارى، ئىسسىقلىق مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەكسىچە، قانچە چۈچۈمەل بولسا، قەنت مىقدارى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش خاتا، مېۋە تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە پەقەت تەمى تاتلىق بولۇشقىلا تايىنىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، دولانە گەرچە تەمى چۈچۈمەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل يۇقىرى قەنتلىك مېۋىگە كىرىدۇ.

  دولانە گەرچە تەمى قىرتاق، تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەنت تەركىبى % 22 ~ % 24 ئەتراپىدا بولۇپ، قەنت تەركىبى ناھايىتى تاتلىق تاۋۇز، بۆلجۈرگەن، ئالما قاتارلىق مېۋىلەردىن خېلىلا يۇقىرى. كىشىلەر دولانەنى ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ چۈچۈمەل ھېس قىلىدۇ، چۈنكى دولانە مېۋىسىدىكى ئورگانىك كىسلاتانىڭ مىقدارى ئالما، نەشپۈتنىڭ ئورگانىك كىسلاتاسىدىن 2~3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە دولانە تەركىبىدە نۇرغۇن مېۋە شېكىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ مىقداردىكى ئورگانىك كىسلاتا شېكەرنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ، مانا بۇ دولانە يېگەندە چۈچۈمەل ھېس قىلىشتىكى سەۋەب. دولانە تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، كاروتىن، كالتسىي، تۆمۈر، نىكوتىن كىسلاتاسى، ئورگانىك كىسلاتا ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق روللارغا ئىگە. لېكىن، قەنت تەركىبى يۇقىرى دولانە بەدەندىكى ئىنسۇلىن ۋە مېتابولىزم سەۋىيەسىنى غىدىقلاپ، ئاسانلا قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا دولانەنى مىقدارغا قارىتا يېيىش، بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، ھەر كۈنى ئۈچتىن تۆتكىچە دولانە يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى دولانە يېسە تېخىمۇ بولمايدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ