بەزى يۇڭ پوپايكىلارنى يۇيغانسىېرى كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ.
سۇغا ئاز مىقداردا ئاق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز.
سۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۇڭ پوپايكىنى 25 مىنۇت ئەتراپىدا چىلايمىز. ئەگەر پوپايكا سۇدا بەكلا كىرىشىپ كەتسە، چىلىغاندا پوپايكىنى يېنىك تارتىپ قويساق بولىدۇ.
25 مىنۇتتىن كېيىن پوپايكىنى سۇدىن ئېلىپ سىقىۋېتىپ، لۆڭگىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزىمىز.
10 مىنۇتتىن كېيىن پوپايكىنى ئېلىپ، ئۇيان-بۇيانغا يەڭگىل تارتىپ قۇرۇتىۋەتسەكلا بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ