باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئالتۇن(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.18 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. بۇ كۈننى ئايالىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەت، توغرىسى بىر ۋەزىپە ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ بۇ كۈندىن بىزار ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئايىمىغان بولسا، ئۇ بۇ كۈندە ئاللىبۇرۇن مەلۇم سەۋەب ئىزدەپ ئۆزىنى كېچە-كۈندۈز تەلپۈندۈرۈۋاتقان نىگارەنىڭ يېنىغا ئۇچقان بۇلاتتى. شۇ سائەتتە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇ زىياپەت ھەر يىلقىدىن ھېچ پەرقسىز ئىدى. ئۇخشاش رېستۇران، ئۇخشاش ئايرىمخانا، ئوخشاش ئۇرۇق –تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر، ئوخشاش چىرايلار.... ھەتتا قىلىنىۋاتقان سۆز-پاراڭلارمۇ ئۇخشاشتەك ئىدى. ئوخشىمايدۇ دېيىلسە، ئۇ بەلكىم ئايالى كىيگەن كىيىمنىڭ رەڭگى، تېخىمۇ سەمرىگەن بەدىنى، يۈزىدىكى تېخىمۇ كۆپەيگەن قورۇقلار بولۇشى مۇمكىن. يەنە ئۇنىڭ كۆڭلى... يىلدىن-يىلغا بۇ ئايالدىن سۇ ئىچمەس بۇلۇپ كەتتى، ھەي... ئەر شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. بىر خىل ئاچچىق ئازاب ئۇنىڭ كۆڭلىنى مۇجىغاندەك بولدى. ئۇ ئىختىيارسىز ئايالىغا قاراپ كەتتى:«نىمانچە سەمرىدىكىنە بۇ، كىيىۋالغان كىيىملىرى پاتمايلا قاپتۇ، ئېسىۋالغان ئالتۇنلىرىنىڭ جىقلىقىنى قانداق قىلاي؟ ھە دېسە ئاتۇن، ئالتۇنلا دېگەن، سېپى ئۆزىدىن سەھرالىق...»

  ــــ ۋۇي! ئەجەب قاراپ كەتتىڭىزغۇ رەيھانغا، بەك ئىچىڭىز كۆيۈپ كەتتى ھە؟!ــ ئايالىنىڭ يېقىن دوستى باھارنىڭ ئۈنلۈك چاقچىقى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.

  ــــ بۈگۈن رەيھان بەك چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇمۇ؟ قېنى ئۇنىڭغا بېرىدىغان سوۋغىتىڭىزنى چىقىرىڭ!ــ سورۇندىكىلەر ھە دەپ ئۇنى چاقچاققا كەلتۈرەتتى. ئەلى بىردىنلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ يانچۇقىدا ئايالىنىڭ تەلىپى بويىچە سېتىۋالغان 60 گىراملىق ئالتۇن بىلەيزۈكتىن بىر جۈپ بار ئىدى. ئۇ ئايالىغا يەنە قارىدى. ئايالىنىڭ بارماقلىرىدا، بىلەكلىرىدە، بوينىدا، قۇلاقلىرىدا ساپسېرىق ئالتۇنلار پارقىراپ تۇراتتى. ئايالى ئۇنىڭغا بىر قىسمىلا كۆرۈندى. راستىنى دېگەندە، ئۇ ئەزەلدىن ئايالىنىڭ نېمە ئېلىپ، نېمە كىيىۋاتقىنى بىلەن چاتىقى يوق ئىدى، پەقەت تۇغۇلغان كۈنى يىقىنلاشقاندىلا قىزىنىڭ قىستىشى بىلەن زورىغا بولسىمۇ ئايالىدىن سوراپ قۇياتتى:«ساڭا نېمە ئېلىپ بەرسەم بولار؟ خالىغىنىڭنى دېگىن.» لېكىن ئايالىنىڭ جاۋابى ھەر يىلقى بىلەن ئوخشاشلا ئىدى:«مۇنچە گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈك، بىلەيزۈك ياكى زەنجىر...» ئادەتتە خېلىلا تېجەشلىك كۆرۈنىدىغان ئايالى خۇددى ئالتۇن جىنى چاپلاشقاندەك ھە دېسىلا ئالتۇن، ئالتۇن دەپ تۇرىدىغاندىن ئىدى. «جىن تەگككەن ساراڭ... نەرىگە ئاساركىنە بۇنى!» ئەلى پەس ئاۋازدا غۇدۇراپ ئايالىغا بىزارلىق بىلەن قاراپ قويدى-دە، يانچۇقىدىن بىلەيزۈك سېلىنغان قىزىل قاپنى چىقاردى.

  ــــ پاھ! نېمە دېگەن چىرايلىق-ھە!ــــ باھار ھەۋەس بىلەن رەيھانغا قاراپ كۈلدى،ــــ ئۆزىڭىز سېلىپ قويۇڭ رەيھانغا!

  سورۇندىكىلەر چۇرقۇراشتى:«ئەلۋەتتە شۇنداق قىلسۇن!» ئەلى ئايالىنىڭ توم بىلىكىدىن تۇتۇپ بىلەيزۈكنى سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ قولىدا تۆت دانە بىلەيزۈك تېخىمۇ پارقىراپ كەتتى. ئايالى ئەلىگە ئەمدى ئاجايىپ ھەجۋى كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ يىرگەنگەن ھالدا تېزلىكتە جايىغا قايتتى. قەلبىدە بولسا بىر ئوت تېخىمۇ يانغاندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتكۈسى كەلدى. نىگارەنىڭ گۈزەل جامالى، نازۇك بەدەنلىرى، ياراشتۇرۇپ چىرايلىق مەدىنى كىيىنىشلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاپپاق، چىرايلىق بىلەكلىرىدە، ئۇزۇن، نازۇك بارماقلىرىدا، سۈزۈك بويۇنلىرىدا ھەر قاچان بىر يۈرۈش ئاجايىپ نازۇك زىبۇ-زىننەتلەر بولاتتى. رەڭگى، شەكلىمۇ ھەر خىل، كىيگەن كىيىملىرىگە تولۇق ماسلاشتۇرۇلاتتى. ئۇلار ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتقىلى ئىككى يىلچە بولدى. دەسلەپ ئەلى بۇ قىز بىلەن مۇنداقلا تونۇشۇپ قويغان ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بارا-بارا نىگارەگە بەكلا ئىچىكىپ كەتتى. ئەلى ئۈچۈن نىگارە گويا بىر گۈزەل سەنئەت ئىدى. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، گەپ-سۆزلىرى، ياسنشلىرىمۇ ئەلىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقاتتى. ئۇنى ھەر قاچان ھەيرەتتە قالدۇراتتى. ئۇ خۇددى ئىتائەتچان بالىدەك نىگارەنىڭ ھەر قانداق تەلىپىگە جان دەپ قوشۇلاتتى، تاپقان پۇللىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇدەك خەجلەيتتى.

  ئەلى ئايالى رەيھان بىلەن 19 يېشىدىلا چوڭلارنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن توي قىلغان ئىدى. رەيھان ئەتىۋارلىق يالغۇز قىز ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا رەيھاننىڭ بوۋىسى قازاقىستاندا خېلىلا چوڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى قۇرغان ئىدى. ئەلىنىڭ دادىسىمۇ ئىككى ئەل چېگرىسى ئارىسىدا يۈرۈپ كىيىم-كېچەك سودىسى قىلاتتى. ئەلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۆزى چېچەن، ئەقىللىق بولغاچقا، كەسپداشلىرى ئىچىدە خېلىلا تونۇلۇپ قالدى. مانا ھازىر ئۇنىڭ تازا دەۋر سۈرۈۋاتقان چاغلىرى ئىدى. 20 يىلدىن بۇيان ئۇ پۈتۈن زېھنىنى سودا ئىشلىرىغىلا قاراتتى. ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان «كۆڭۈل» ئىشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىمەنە تۇيۇلاتتى. ھە دېسە مۇھەببەتتىن ئېغىز ئېچىپ، ئاھ-ۋاھ دەپ يۈرىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىشى يوق بىكار تەلەتنىڭ قىلىقىدەك بىلىنەتتى. ھايات شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ باراتتى. تۈنۈگۈنلا تايتاڭلاپ ئەلىنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ يۈرىدىغان قىزى رەنا مانا بۈگۈن چوپ-چوڭ قىز بولۇپ، دۆلەتلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان، ئاز كۈندىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق مۇھەببەتنى تولۇق چۈشەنمەي، سودىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ مەلۇم بىرىدە ئۇ نىگارە بىلەن تونۇشۇپ قالدى. نىگارەنىڭ مۇنداقلا قاراپ قويۇشىمۇ ئۇنىڭ دىلىنى چېكەتتى، يۈرىكىنى ئوينىتاتتى. مۇھەببەت ئۇنى ئويغاتقان ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان شېرىن تۇيغۇ قاينىمىغا رازىمەنلىك بىلەن باراتتى. 20 يىللىق ئاشۇ ھاياتقا نەزەر سالغىنىدا، ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت ئۆكۈنۈشلا بار ئىدى، خالاس.

  ــــ دادا، نېمە بولدى سىزگە؟ ئاپامنى تانسىغا تارتىڭ!ــــ قىزى رەنانىڭ يېنىك نوقۇشى بىلەن ئەلى ئىلاجسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئەزەلدىن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرتىپ باقمىغان ئىدى. قىزى ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك ئىدى. «قىزنىڭ مېھرىنى دادىغا سالىدۇ» دېگەن گەپ راست ئىدى. شۇ كۈنلەردە قىزىنىڭ دادىسىغا تەلمۈرگەن سەبىي كۆزلىرىلا ئۇنى بۇ ئائىلىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىردىنبىر يىپ ئىدى. ئەلى تانسا ئويناۋىتىپ ساپسېرىق ئالتۇنلار ئىچىدە ئېغىر قەدەم يۆتكەۋاتقان ئايالىغا يەنە بىر قاراپ قويدى. شۇئانلا ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە نىگارە كىرىۋالدى.

  ئالدىنقى ئايدا ئۇ نىگارەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەلى:«دوستلىرىڭىزنى چاقىرىڭ» دېۋىدى، نىگارە ئۇنىماي قويدى. «تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئەڭ يېقىن ئادىمىم بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئويناپ كىلەيلى!» دېدى ئۇ ئەركىلەپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خەينەن ئارىلىدا قانغۇچە ئويناپ تاماشا قىلدى. تۇغۇلغان كۈندىكى سوۋغات ئۈچۈن نىگارە ئەلىگە ناھايىتى نەپىس ياسالغان بىر يۈرۈش ئالماس كۆزلۈك زىبۇ-زىننەت ئالغۇزدى. بۇ زىبۇ-زىننەتلەر ئۇنى تېخىمۇ نەپىس، نازۇك، جەزىبىدار قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئۇ كۈنى ئەلى پۈتۈنلەي نىگارەگە بويسۇندى. نىگارە ياخشى كۆرىدىغان تاماق، نىگارە ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن، نىگارە ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا... ئۇ كېپىنەكتەك يەڭگىل تانسا ئويناۋاتقان نىگارەگە قاراپ-قاراپ تويمايتتى...

  
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر