باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

باتۇر 11-چېسلا سەپتىن چېكىندى

2015.08.11 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست، باتۇر بېيجىڭ ۋەنشىدا مەركىزىدە سەپتىن چېكىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، «جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلى»دەپ قارىلدىغان باتۇر توپ مەستانىلىرى بىلەن رەسمىي خوشلاشتى. NBAنىڭ ئىلگىرىكى گىگانت چولپىنى ئابدۇل ئولاجون شۇنداقلا جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ۋاسكىتبول ھەۋەسكارلىرى پايتەختكە يىغىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى.

  باتۇرنىڭ كەسپىي ھاياتى ئىنتايىن رەڭدار، ئۇ توققۇز ياشقا كىرگەندە بويى ئېگىز بولغانلىقتىن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەزى چۈشكەن ۋە ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ھاياتىنى باشلىغان. 31 يىلدىن بۇيان، ئۇ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ پارلاق دەۋرى ۋە نۇرغۇنلۇق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا NBAنىڭ چېمپىيۇنلۇق ئۈزۈكىگە ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنشىىچە، باتۇر سەپتىن چېكىنىش مۇراسىمىغا ئەينى ۋاقىتتا بىرلىكتە پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كونا كوماندا ئەزالىرى، بېيجىڭ كوماندىسىدىكى ياردەملەشكەن سەپداش دوستلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ، 1-ئاۋغۇست، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى دوست بۇرادەرلىرىنى تەكلىپ قىلغان. مۇخبىر: سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قانداق پىلانىڭىز بار؟

  چوقۇم ۋاسكىتبولدىن ئايرىلمايمەن. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاسكىتبول ماڭا ھەممىنى بەردى، ھازىر ۋاسكىتبولدىن باشقا مەن باشقا نەرسىلەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. مېنىڭ ۋاسكىتبولدا ئارتۇقچىلىقىم بولغاچقا، ۋاسكىتبولنى چۈشىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن ياكى بولمىسا بەكرەك پىششىق بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن يەنە نېمىشقا ۋاسكىتبولغا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللانمايمەن؟ ۋاسكىتبولدا مەيداندىكى ماھارەتتىن باشقا يەنە مەيدان سىرتىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن ئۆسمۈر ۋاسكىتبولچىلارنى تەربىيەلەش. جۇڭگونىڭ ۋاسكىتبولى ۋە تەنتەربىيەسىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مەن ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى تاللايمەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر