مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىسمەن جايلارنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدە قايتا قۇرۇش خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك بولدى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، دېدى

2020.10.21 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىسمەن جايلارنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيەدە قايتا قۇرۇش خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ فېي 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق دېدى: «ئاساسىي گەۋدىنى مەركەزلەشتۈرۈش، رايونلارنى توپلاشتۇرۇش» تەرەققىيات پىرىنسىپى بويىچە، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان مۇلازىمەت ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تەرتىپىگە تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  شۇ كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 10-ئايلىق قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مېڭ فېي يىغىندا توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق ۋە باشلامچى كەسىپ ئىكەنلەكىنى، ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەر ئېلان قىلىنىپ، كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلىندى. ئالاقىدار سىياسەت مەدىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىز توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، تېخنىكا سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كارخانىلار تېز سۈرئەتتە يېتىلىپ زورايدى. 2019-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى سېتىش كىرىمى 756 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئېشىپ، يەر شارىدىكى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  «لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، دۆلەت ئىچىدىكى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، بەزى تەجرىبىسى يوق، تېخنىكىسى يوق، ئىختىساسلىقلار يوق <ئۈچ يوق> كارخانىلارمۇ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى ساھەسىگە ئاتلاندى، قىسمەن جايلارنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولماي، قارىغۇلارچە تۈر بېكىتىپ، تۆۋەن سەۋىيەدە قايتا قۇرۇش خەۋپ-خەتىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھەتتا بەزى تۈر قۇرۇلۇشلىرى توختاپ، زاۋۇت ئۆيلىرى بوش قېلىپ بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى»، دېدى مېڭ فېي.

  مېڭ فېي مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا ئىزچىل يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپنىڭ تەرەققىيات تەرتىپىنى تىرىشىپ قوغدايدۇ. ھازىرقى ساھەدە كۆرۈلگەن قالايمىقانچىلىققا قارىتا، كېيىنكى قەدەمدە تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ