مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتى − تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىدۇر

2020.10.20 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتنىڭ يۆنىلىشى ۋە كەلگۈسىنى كۆرۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دەپ تەكىتلىدى؛ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك − جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ قېلىشى − چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى رىشتە بولۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھەر مىللەت خەلقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك قەدىرلىشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى قوغداپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىن ئىبارەت پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ قۇچاقلىشىپ، سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشقاقلىقى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنىڭ مۇقىم، يىراققا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ