مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى بازار ۋە خەلقئارا بازارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.10.21 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتىدىن بەرپا قىلىدۇ.

  بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا ئۇچرىدى، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىچىلىك ئەۋج ئېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش زور دەرىجىدە تارىيىپ، خەلقئارا ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك، سىياسىي قاتارلىق ئەندىزىلەر چوڭقۇر تەڭشىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقى كۈچەيدى. تېخىمۇ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز دۇنيادا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەشتە، چوقۇم دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىچكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دۇنيا بويىچە 2-چوڭ بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار چوڭ بازار، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى شەكىللەندى. 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 41 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60 ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىندى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ۋە كۈچلۈك ئىستېمال ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىدىكى «باللاست تېشى» ۋە سىجىل ئېشىشىدىكى «ئاساسىي موتور» بولۇپ قالدى.

  كەلگۈسىدە بىز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىچكى بازار ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ