خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى «چاڭجياڭ دەرياسىدىكى بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنىڭ دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقىدىكى ئادەتتىكى كېمىچىلىك گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بار چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارغا قارىتا يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش ۋە باھالاش ياكى ئىمتىھان ئېلىشنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنىڭ دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلار دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقىدىكى ئادەتتىكى كېمىچىلىك گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا، بېلىقچىلار ئۆزى ئىختىيارىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئايرىم ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەربىيەلەش ۋە گۇۋاھنامە ئېلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارغا ۋاقتىدا ئىمتىھان ئېلىپ تەربىيەلەش لاياقەتلىك ئىسپاتى بېرىش؛ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش ۋە باھالاش ياكى ئىمتىھان ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىمتىھان ئېلىش، تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش؛ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئەنگە ئالغان «جۇڭيۈ شۆيۈەنى» APPسى، «شىڭيۈ شۆتاڭ» APPسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنى ئىمتىھان ئېلىش، تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، بېلىقچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دەريا، دېڭىز بويىدىكى ھەر دەرىجىلىك بېلىقچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز يېرىدىكى بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى ۋە دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقىدىكى ئەمگەك-مۇلازىمەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمگەك-مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق كۈچەيتىپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ