مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە توردا مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى» 7-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىنىدۇ

2020.07.16 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 13-ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە توردا مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى 22-ئىيۇل «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇر سۇپىسى»دا رەسمىي باشلىنىدىكەن.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل توردا مەسلىھەت سوراش پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بولىدىكەن، ھەر كۈنى مەسلىھەت سوراش ۋاقتى سائەت 9 دىن 17 گىچە بولىدىكەن.

  «مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر توردا مەسلىھەت بېرىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، جېجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خەينەن، گۇيجوۋ، چىڭخەي قاتارلىق بىر قىسىم ئۆلكە (شەھەر)لەر سۇپىدا مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سۇپىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن جايلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، توردا مەسلىھەت بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلارنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە بولغان ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، قوبۇل قىلىش تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ۋە ۋاقىت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇر سۇپىسى» تور بېتى ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنى نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۈندىدار ئىزدەش ۋە تېڭشۈن دەرسخانىسى دۆلەت ئىچىدىكى 100دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ «2020-يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە 150 تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ «بۇلۇت تەشۋىقاتى» ئېلىپ بېرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى مەكتەپنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ