مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەمىمىي تۆھپە قوشۇشتەك دەۋر خىسلىتىنى يېتىلدۈرەيلى

2020.07.15 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «تۆھپە قوشۇش» دېگەن بۇ سۆز ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىدا، مۈشكۈل ۋەزىپە، كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەنسېرى خالىس تۆھپە قوشۇش، تۆھپە قوشۇش روھىنى شۇنچە چاقىرىق قىلىش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، 84 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن كېسەلدىن قورقماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى؛ «95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ئايال دوختۇر تۆت كۈندۈز، ئۈچ كېچە ۋېلسىپىت مىنىپ 300 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئىش ئورنىغا قايتىپ بېرىپ يۇقۇمغا قارشى تۇردى؛ بېيجىڭدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرى ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ يانفونىنى كۆتۈرۈۋالدى... مۇقەددەس زېمىندا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تۆھپە قوشۇشتەك جانلىق ئىش-ئىزلار مەدھىيىلەنمەكتە. زور يۇقۇمنىڭ سىنىقى ئالدىدا، سانسىزلىغان كىشىلەر قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يارقىن ئاساسقا ئىگە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۈركۈم-تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى قارشى يۆنىلىشتە يولغا چىقىپ، بوران-چاپقۇندىن قورقماي، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  تۆھپە قوشۇش بىر خىل ساپ، ئالىيجاناب مەنىۋى مەنزىل، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئالاھىدىلىكى. «جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، لەنكاۋنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان» جياۋ يۈلۇدىن، دۇلۇڭزۇ ئاممىسىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ ئەرزىيدۇ» دېگەن گاۋ دېروڭغىچە، ئاندىن «يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قەسەم قىلغان، ئىسىم-فامىلىسىنى يوشۇرغان» خۇاڭ شۈخۇاغىچە... پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ كۈرەش قىلغان ئاجايىپ مۇساپىنى ئەسلىگەندە، مىليونلىغان كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەتەردىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنىنى تەقدىم قىلىپ، ياشلىق باھارىنى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ، جاپالىق ئەجىر ۋە قان- تەرىنى سىڭدۈرۈپ، شانلىق ئالغا ئىلگىرىلەش سەھىپىسىنى ياراتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تۆھپە قوشۇشنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرمىدى، تۆھپە قوشۇشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشتى. مەيلى يۇقۇمغا زەربە بېرىش نەق مەيدانى بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەق مەيدانى بولسۇن، ھەممىسى پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، سەمىمىي تۆھپە قوشۇشتەك مەنىۋى ئىنتىلىشكە موھتاج.

  قەلب چوڭ بولسا، يۈرەك مېھىرگە تولغان بولسا، ئاندىن سەمىمىي تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر ئادەمدە كۈچلۈك مېھىر- مۇھەببەتلىك ئالىيجاناب ئىدىيە بولسىلا، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر نەپسانىيەتلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك قىلسا، ئۆزىنىڭ پايدا- زىيىنى بىلەن ھېسابلاشسا نام-مەنپەئەت قوغلىشىپ، قەستلەشكە ماھىر بولىدۇ، ھەتتا باش قاتۇرۇپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلبىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا قويۇپ، «بىر تال يۈرىكى بىلەن كېلىش، يېرىم تال ئوت-چۆپنىمۇ ئېلىپ كەتمەسلىك» تىن ئىبارەت چاكارلىق ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، «مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى خەلقنى سۆيۈش»تىن ئىبارەت ئالىيجاناب پەزىلەتنى تىكلەپ، «باھار پىلىسى ئۆلگۈچە يىپەك چىقىرىدۇ، شام كۈلگە ئايلانغۇچە يېشىنى تۆكىدۇ» دەيدىغان روھىي خىسلەتنى ساقلىغاندا، ئاندىن تۆھپە قوشۇشنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كەڭرى مۇھەببەت قوينىدا كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كىشىلىك ھاياتىنى يورۇتۇپ، ئالىيجاناب مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ.

  ئۆزىنى بېغىشلاش روھى تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولمايدۇ، ئۇزۇن يىللىق ئۆزىنى تەربىيەلەشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىن پارتىيەۋىلىك تەربىيەنىڭ يېتەكلىشىگىچە، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنىڭ سۇغۇرۇشىدىن، كۈرەش ئەمەلىيىتىدە چېنىقىشقىچە ھەممىسى تۆھپە قوشۇش روھىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئوتتۇز يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن ئارالنى قوغداش قەھرىمانى ۋاڭ جىسەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە پۈتۈن مېھرى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان خۇاڭ ۋېنشيۇ... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دائىم ئىلغار تىپلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتتىن توختىماي سوراش، ئەسلىي مەقسەتنى قوغداش − باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇش روھىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. دائىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، دائىم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، شاخ-شۇمبىلارنى چاتاش، خالىس تۆھپە قوشۇش، سەمىمىي بەدەل تۆلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشمۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.

  تۆھپە قوشقان ھايات ئەڭ گۈزەلدۇر، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار ئەڭ بەختلىكتۇر. تۆھپىنىڭ چوڭ-كىچىكى بولىدۇ، بىراق چىن كۆڭلىدىن تۆھپە قوشقانلارنىڭ ھەممىسى ئالىيجاناب، قىممەتلىك بولىدۇ. بىر ئۈلۈش يالقۇن بولسا، بىر ئۈلۈش نۇر تارقىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشساقلا، پۈتۈن جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ