مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى

2020.07.13 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، چاڭجياڭ، خۇەيخې قاتارلىق دەريا ۋادىلىرى، دۇڭتىڭخۇ، پۇياڭخۇ، تەيخۇ قاتارلىق كۆللەرنىڭ سۇ چېنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، چۇڭچىڭ، جياڭشى، ئەنخۇي، خۇبېي، خۇنەن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى بولدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جايلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار 1-سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا قوماندانلىق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، توسما، سۇ ئامبارلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش كۈچلىرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ ھەر قايسى جايلاردا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار ئاپەتتىن، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىنچىكە پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ