مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇھىم پەيتكە توغرا كەلدۇق، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز

2020.07.10 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  7-ئاينىڭ 7-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز غايىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىغا بولغان تىلىكىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر 118 نەپەر ساۋاقداشنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان غەربىي رايون قۇرغۇچىلىرى بولۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىڭلارنى بىلدىم، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن.

  ھازىرقى زامان ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلاد. ھەر بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەقدىرى بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ دەۋر شارائىتىدا كىشىلىك ھاياتىنى پىلانلايدۇ، تارىخنى يارىتىدۇ. ھازىرقى زامان ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى دەۋر − يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق دەۋردۇر. ھازىرقى زامان ياشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھايات سىنىقىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش − ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ھاياتىدىكى تېپىلغۇسىز كەچۈرمىش. ھەربىر ياش بۇ ئۇلۇغ دەۋرنى قەدىرلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «جۇڭگو ئارزۇسى تارىخىي، رېئال، شۇنداقلا كەلگۈسىيدۇر؛ بىز بىر ئەۋلادنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى ياش بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇسىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ».

  ياشلار گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. «ئاسانلىقنى تاللىمىغانلار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، ئىشتا قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئىلگىرىلەيدۇ»، قىيىن ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ باتۇرلۇق نامايان بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى دەل ھازىرقى ياشلار. ئۇلار ياشلىق باھارىنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ، لاياقەتلىك جاۋاب بەردى. ياشلار ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى يارايدۇ، چوڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ! بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىشتىكى كەسكىن كۈرەش بۇ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى چېنىقتۇرۇپ يېتىلدۈردى. ساۋاقداشلار مۇھىم پەيتكە توغرا كېلىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مىليونلىغان خەلق بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرى يولىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ