مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.07.09 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 8-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىل مەيداندا پارات ئۆتكۈزدى، پۈتۈن دۇنياغا تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. يېقىندا رۇسىيە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللىنىپ، رۇسىيە خەلقىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، رۇسىيە تەرەپنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى تېزلىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ئۆز-ئارا قوللاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەڭ مۈشكۈل پەيتتە بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇن قوشتى. ئىككى تەرەپ يۇقۇمغا ئۇزۇن ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەتقىقاتتا جانلىق بولۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى، قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى تېخنىكا، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى؛ جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداپ، زومىگەرلىككە ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ