مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەگە سادىق ئائىلە ئىستىلىنى پۇختىلاش لازىم

2020.07.09 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، قۇربان بولغانلىقىم ئۈچۈن ئازابلانماڭ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق تىرىشىپ پارتىيە ئىشلىرىنى ئورۇنداڭ... 1931-يىلى 9-ئايدا، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى ۋاڭ روفېي ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇدا خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ۋىدالىشىش خېتى يېزىپ، ئايالى لى پېيجىنى پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭ خېتىدە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقىتى ۋە چەكسىز چوڭقۇر مېھرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى داۋاملاشتۇرىدىغان شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  «جاھاندىكى ئەخلاق ئىچىدە، ساداقەتمەنلىك ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدۇ». ساداقەتمەلىك − كومپارتىيە ئەزالىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەت، ئەگەر ئېتىقاد پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى سىياسىي روھ دېيىلسە، ئۇنداقتا ساداقەتمەنلىك دەل ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ سىياسىي ئاساسى بولىدۇ. پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي تەلەپ − پارتىيە نىزامنامىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى تەنتەنىلىك بەلگىلىمىدە ئىپادىلىنىدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بەس-بەستە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار ۋە ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش خىسلىتىگە توغرىلىنىشقا يېتەكلەپ، قاتتىق ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى. كوممۇنىستلار پارتىيەگە سادىق بولۇشتا، سىياسىي يۆنىلىشتە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەت ئورنىدا بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپلا قالماي، ئائىلە تۇرمۇشىدىمۇ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئائىلە كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  ساداقەتمەنلىك قەلبكە سىڭدۈرۈلسە، ھەيۋىتى جاھانغا بىر كېلىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈشى − ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى داۋاملاشتۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا، جەمئىيەتتە كەڭ تارقىتىشقا پايدىلىق. پارتىيە ۋە خەلققە باشتىن-ئاخىر رىشتە باغلاپ كەلگەن، پارتىيە ۋە دۆلەتكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان ئادەم جەزمەن ئەتراپتىكى كىشىلەرگە گۈلخاندەك ئىللىقلىق، سۈزۈك بۇلاققا ئوخشاش سۈزۈكلۈك، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئوخشاش پايانسىزلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئائىلە كىشىلەرنىڭ جىسمى تۇرىدىغان جاي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەر قەلبىنىڭ ماكانىدۇر. ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىزىل ئائىلە ئىستىلىدىن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى چېچىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەققانىيەتنى قۇبۇل قىلىپ، يېڭى، توغرا كەيپىياتنى قۇچاقلىغاندا، چوقۇم روھىي تۈۋرۈكنى رۇسلاپ، دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ.

  پارتىيە ئىشلىرى، خەلق ئىشلىرى − مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد سادىق، تۆھپە قوشۇۋاتقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تايىنىدۇ. پارتىيەنى سۆيىدىغان، پارتىيەنى قوغدايدىغان ئائىلە مەدەنىيىتى − ئەڭ جانلىق ئېتىقادنى داۋاملاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئەڭ ئۈنۈملۈك پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىدۇر. قىزىل گېننى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، سادىق ئېتىقادنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كەيپىياتقا ئايلاندۇرساق، دۆلىتىمىز خۇددى ئىنقىلابىي ئەجدادلار ئارزۇ قىلغاندەك «تەرىپلەشكە بولىدىغان پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ