مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ بۇتۇكا مەكتىپىگە جاۋاب خەت يازدى

2020.07.07 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ بۇتۇكا مەكتىپىگە جاۋاب خەت يازدى. شى جىنپىڭ خېتىدە، 2018- يىلى پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىنى ۋە شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، ھەمدە مەزكۇر مەكتەپنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەم شۇنداقلا مەكتەپ رايونىنىڭ يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۇ مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق تۈردە زۆرۈر قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، ھەم جۇڭگونىڭ ياردىمىدە مەزكۇر مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇتۇكا مەكتىپىگە 2018- يىلى 11- ئايدىن بۇيان 3000دەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى ھۆكۈمىتى ۋە ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ