مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گۇيجۇدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمەتلىرىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش لازىم

2020.07.08 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جىگاڭ، ئۆلكە باشلىقى چېن يىچىننىڭ ھەمراھلىقىدا تۇڭرېن، گۇيجۇدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئايرودروم ئەتراپىدىكى بىيىتوڭ شىركىتىگە كەلدى. ئۇ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، كارخانا بۇ يەردە نەچچە يۈز نەپەر نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتى ۋە مىڭدىن ئارتۇق يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى تونۇشتۇردى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر زۇڭلىغا ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇم تەسىرى تۈپەيلىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالمىغانلىقىنى، يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. لى كېچياڭ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بەردى. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش − ھەم ئىقتىساد، ھەم خەلق تۇرمۇشىدۇر، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىققا باغلىق، كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەتنى ئىگىلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گۇيجۇ بۇ يىل كۆپ نۇقتىدا، كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، 6- ئايدىن بۇيان ئۆلكە بويىچە ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 60 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ كۆپ بولدى. لى كېچياڭ توڭرېندىكى گۇاكوۋ كەنتىگە كېلىپ، لاي-لاتقا ئېقىنىدا ۋەيران بولغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. ئۇ يەنە قىيىنچىلىقى بار بىر نەچچە ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئاشلىق قاتارلىق تۇرمۇش كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن قۇرۇلۇشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى. گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا گۇيجۇ ۋە جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلاردا يەنە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا بەرگەن كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن گىئولوگىيەلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ ئالاقىدار تارماقلاردىن مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ ۋەيران بولغان ئۆي ۋە ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇشىنى قوللاش، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرگە ۋە ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ