مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلار «چوڭ ئېلېكتىر تورى» دەۋرىگە قەدەم قويدى

2020.07.07 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ تىك يارلىرىدا، تەكلىماكاننىڭ كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقىدا، سانسىزلىغان ئېلېكتىر ئىستولبىلىرى نەچچىلىگەن ئېلېكتىر سىملىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان دېھقان- چارۋىچىلارغا نۇر ئاتا قىلدى. ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تۈرى شىنجاڭدا تولۇق تاماملاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست «چوڭ ئېلېكتىر تورى» دەۋرىگە قەدەم قويدى.

  تاغنىڭ ئىچكىرىسى يورۇتۇلدى

  شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن شەھىرىدىن جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقىپ، ئايلانما تاغ تاشيولىنى بويلاپ بىر نەچچە داۋاندىن ئۆتۈپ، تۆت سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قاراڭغۇ تاغ كەنتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ يەردە پەقەت 1000 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بار، نۇرغۇن ياشانغانلار بىر ئۆمۈر تاغنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان.

  ئىككى يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈشلەر ساۋۇت مەمەتنىڭ ئېنىق ئېسىدە. ئەينى چاغدا كەنتكە مۇقىم توك يەتكۈزۈلدى، نۇرغۇن كىشىلەر توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، توكلۇق ئۈچ چاقلىق ماشىنا، توكلۇق موتسىكلىت قاتارلىقلارنى ئالدىن سېتىۋالدى. ئۇ مەزگىلدە كۆپچىلىك توكنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئەڭ كۆپ مۇزاكىرە قىلىشاتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى توك ئىشلىتىشتە پەقەت تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر تاختىسىغا تايىنىپ كەلگەن ئىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى جايلىرىدا ئېلېكتېر مۇنارى ۋە يېزا تاشيولى بارغانسېرى زىچلاشتى. تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى بۇ يەرگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا 2018-يىلى 3-ئايدا ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تۈرى يولغا قويۇلۇپ، 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 33 نامرات ناھىيەنىڭ 2481 نامرات كەنتلىرى قاپلىنىپ، 2 مىليون 640 مىڭ ئائىلە، 8 مىليون 910 مىڭ نەپەر كەنت ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى چەت، نامرات رايونلاردا «چوڭ ئېلېكتىر تورى»نى كېڭەيتىپ قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشتىكى «گالغا كەپلىشىپ قېلىش»، توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش، ئىشەنچىلىك بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

  كۆك نامرات رايونلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچ زور

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قۇرۇقئۈزۈم كەنتى تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدىغان، ئارانلا 82 ئائىلە، 396 ئادەم بار كىچىك كەنت بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ يەردە «چوڭ ئېلېكتىر تورى» ۋە پاكىز سۇ يوق ئىدى.

  بۇلتۇر 10-ئايدا بۇ يەرگە «چوڭ ئېلېكتىر تورى» تۇتاشتۇرۇلدى، كەنتتە مەركەزلىك سۇ تازىلاش ماشىنىسى ئورنىتىش كېيىنكى ئايدىلا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەنت ئاھالىسى ئاۋۇت ئىمامنىيازنىڭ توك يەتكۈزۈلۈشكە بولغان تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ئىلگىرى نەچچە ئون تۇياق قوي باققان بولۇپ، ئوت-چۆپنى ئادەم كۈچى بىلەن توغرايدىكەن. توك يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۆيدىكىلەر دەرھال ئاپتوماتىك يەم-خەشەك توغراش ماشىنىسى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ يىل باققان قوي سانى 500 گە يېتىپتۇ.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان. بۇلتۇر بۇ يەردە توك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، چارۋىچى خانىلازا مەمەتنىڭ چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلانغان، يېزىدىكى كىچىك تاللا بازىرى، ئاشخانا، ساتىراچخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل بولدۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تەسىرات ئېلىپ كەلگەن.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بويىچە جەمئىيەتتە ئىشلىتىلگەن توك 13 مىليارد 296 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تۈرى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 2017- يىلىدىكىدىن %38.98 ئاشقان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، نامراتلارنى يۆلەش سېخى ۋە سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتلىرى بولۇپ، شۇنىڭدەك چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈشتىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ