مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زومىگەرلىك قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلىنىشى كېرەك

سەييىد ھەسەن جەۋۋەيد (پاكىستان دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى)

2020.07.07 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان مەزگىلدە، مەن جۇڭگودا 10 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدۇم. بۇ ئارىلىقتا، مەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە باردىم.

  جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جاينىڭ ھەقىقىي تەرەققىيات قىياپىتىدىن ھەيران قالىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي ئىدارە قىلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئۆتتى. 2018-يىلى شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلغىنىمدا، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇلار ماڭا شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا نىسبەتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

  مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە غايەت زور زىيان يەتكۈزگەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى كەسكىن قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بەزى غەرب ئەللىرى بۇنى كۆرمەسكە سالدى، ئەكسىچە جۇڭگونىڭ يوللۇق تەدبىرلىرىگە قارا چاپلاپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا ئېغىر خاتا سىگنال بەردى، بۇ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، غەربتىكى بەزى سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ «ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى»نى ئەيىبلىشى ئاپئاشكارا قوش ئۆلچەم بولۇپ، قىلچە ئاساسى يوق.

  شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020- يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، قويۇق زومىگەرلىك تۈسىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇش نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

  ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تىنچ تەرەققىيات، ھەمكارلىق تەرەققىياتى. بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلار پاكىتقا پىسەنت قىلماي، جۇڭگونى قارىلاش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى. كەمسىتىشكە ۋە ئاداۋەتكە تولغان تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەر پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەتلەرنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتى.

  جۇڭگو تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى يەر شارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللاپ، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئاۋاز قوشتى. «ئۈچ خىل كۈچ»لەر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشتەك زومىگەرلىك قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ