مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، شەخسىي غايە ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

2020.07.09 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايون ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر 118 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان غەربىي رايوننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتەك بۇ قېتىمقى كەسكىن كۈرەشتە سىلەر بۇ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر چېنىقتىڭلار، ئۆسۈپ يېتىلدىڭلار، شۇنداقلا سىلەر «ئاساننى قوغلاشمىغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئىلگىرىلەيدۇ» دېگەن قائىدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىڭلار. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ساۋاقداشلار ۋاقتىدا ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەردىن قورقماي، دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، شەخسى غايە ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى قىزغىن قوللىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ