مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىشتى

2020.07.08 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىشتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو-ئارگېنتىنا ئەللىرى خەلقى جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايەن قىلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن داۋاملىق تۈردە يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە ئارگېنتىناغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  فېرناندېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا ۋە خەلقئارا يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا جارى قىلدۇرغان رەھبەرلىك رولىغا رەھمەت! جۇڭگو تەرەپنىڭ ئارگېنتىناغا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت! بىز ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆردۇق، ئالاھىدە پەيتتە، بىز ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ شانلىق مەزگىلىنى ئېچىۋاتىمىز، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ