مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىۋى شەخسلەر ئوبراز ۋەكىلى بولۇشتا بەزى كەسپلەرنى رەت قىلىشى كېرەك

2020.07.08 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، ئاتالمىش 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك مەلۇم P2P سۇپىسى ساقچىلار تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ دېلوغا چېتىلىدىغان نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دەسمايىسى قايتىپ كەلمىگەن. بۇ خەۋەر مەلۇم بىر داڭلىق رىياسەتچىنىڭ مەزكۇر P2P سۇپىسىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان كونا ئىشىنى سۆرەپ چىقتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ رىياسەتچى ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىلگىرى ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئىشلارنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «سۇپا ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن داۋاملىق زىچ ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىشنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنى چىقىرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. بۇ رىياسەتچىنىڭ پوزىتسىيەسىنى سەمىمىي دېيىشىكە بولىدۇ، ئەمما تور ئەھلىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان مۇنازىرىسى ھەتتا تالاش- تارتىشى يەنىلا توختىمىدى، بۇ رىياسەتچىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ زىيىنىغا مەسئۇل بولۇش-بولماسلىقى مۇنازىرىنىڭ يادرولۇق مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

  دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى قانۇنلىرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن قارىغاندا، ئوبراز ۋەكىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇلاردىن سۇبيېكتىپ جەھەتتە «ئېنىق بىلگەن بولۇشى» تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلان قانۇنىدا «ئېلاننىڭ ساختىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ يەنىلا ئېلاندا تاۋار، مۇلازىمەتنى تەۋسىيە قىلغان، ئىسپاتلىغان بولسا، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»دا «باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن پاي چېكى، زايوم تارقاتقانلىقىنى، ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ... ئۇلارغا ئېلان بېرىش قاتارلىق تەشۋىقاتلارنى قىلىپ بەرگەنلەر جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئوبراز ۋەكىلىنىڭ «ئېنىق بىلگەنلىك» ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى بېكىتىشتە ھەرگىزمۇ كوچا-كويلاردا تارقىلىپ يۈرگەن قۇرۇق پاراڭلارغا تايىنىشقا بولمايدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، ئېنىق نوپۇزلۇق يەكۈن چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى، ھەرقانداق ئادەمگە قانۇنغا خىلاپ ياكى جىنايىتى بار دېگەن چوڭ قالپاقنى كىيگۈزۈشكە بولمايدۇ.

  ئەلۋەتتە، «پۇل تاپقاندا ئۆزىنى ‹دانا ھۆكۈم چىقاردىم›، دەپ ئويلاش، زىيان تارتقاندا بولسا ‹باشقىلارغا خاتا ئىشىنىپ قاپتىمەن›، دېيىش، ھەممە يەردە ئوبراز ۋەكىلىنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشمۇ قايتا مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. نورمال بازار خەۋپ-خەتىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، لېكىن بۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن پۈتۈنلەي ئىككى ئىش. گەرچە ئاممىۋى شەخسلەردە «قەستەنلىك» ياكى «ئېنىق بىلىش» مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن دېلوغا چېتىشلىق شىركەتنىڭ ئاممىۋى شەخسلەرنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىشى دەل ئاممىۋى شەخسلەرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئويلىشىپ، ئۇلارنى بۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئىناۋىتىگە كېپىل قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.

  كونكرېت ئايرىم دېلونى مىسال قىلساق، ئېلان ئوبراز ۋەكىلى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە. ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىشى، كەسىپلىشىش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى، نامىغا ماس كەلگەن ئېلان ۋاكالەتچىلىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ھەممە ئادەم بىلدۈرۈپ، ئوبراز ۋەكىلىنىڭ ئوبرازىغا نومۇر قوشىدۇ، «يامان غەرەز»لىك ئېلان ۋاكالەتچىلىكى «شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى»غا ئوخشاش ئاممىغا زىيان يەتكۈزۈشى، شۇنداقلا ئوبراز ۋەكىلىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشى مۇمكىن.

  لېكىن، بارلىق ئاممىۋى شەخسلەرنىڭ ئۆزى ئوبراز ۋەكىلى بولغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تولۇق چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىشمۇ ئانچە رېئال ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇڭا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى يەنىلا جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىغا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ۋاقتىدا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدا ساقلانغان خەۋپ– خەتەرنى ئىمكانقەدەر قانۇن-نىزاملارنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئاممىۋى شەخسلەرنى ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا، سودا ئوبراز ۋەكىللىكىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشقا يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئالاقىدار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئوبراز ۋەكىللىك خەۋپ- خەتەر ئەسكەرتمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  بۇ ۋەقەنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چولپانلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر مەيدان «جانلىق» قانۇن ئىدارە قىلىش دەرسى بولۇپ قالىدۇ. تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشى، مېخانىزمنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىر كۈندىلا تاماملىنىدىغان ئىش ئەمەس، لېكىن ئاممىۋى شەخسلەردە قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، خەۋپ-خەتەر ئېڭى كۆپرەك بولۇشى، ئوبراز ۋەكىلى بولۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا بەزى كەسىپلەرنى رەت قىلىشى ناھايىتى زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ