مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئادىللىق نامى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش

2020.07.08 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئىيۇل كۈنى، ئالىي مەكتەپكە كىرىشنىڭ 2020- يىللىق ئىمتىھانى باشلاندى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۈنلىرى ئەزەلدىن شۇ بىر يىل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر ۋاقىت ئىدى. بۇ يىل تېخىمۇ ئالاھىدە بولدى.

  2020- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تەسىراتقا دۇچ كەلدى. پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم ئۇلارنىڭ تەكرار قىلىش رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئادەتتىكى تەرتىپ ۋە قۇرۇلمىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم ئىنسانلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەتتىكى سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى، ئىستېمال ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلىنىڭ رىتىمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. دېمەك، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم يۈز بەرگەن يىلىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار» دېگەن ئاتالغۇ ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

  ئالىي مەكتەپكە كىرىشنىڭ 2020- يىللىق ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارمۇ قائىدە ئادىللىقى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشقا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار كەيپىياتىنى يىغىشتۇرۇپ، ئىمتىھان مەيدانىغا چىقىشنى تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋەقە، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى "ئورنىغا دەسسىتىش" ۋەقەسىگە ئالاقىدار تور جامائەت پىكرى ھەممىلا يەرنى قاپلىدى، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ھەم شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۆۋەن چېكى سۈپىتىدىكى ئادىللىق مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تىكىلىپ قارىماقتا.

  "ئورنىغا دەسسىتىش" ۋەقەسىگە قارىتا كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىنىڭ كەينىدە، بەزىلەرنىڭ كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۆۋەن چېكىنى بۇزغانلىقىغا ئاممىنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشى تۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يەنىلا مائارىپ ئادىللىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان تۆۋەن چېكى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنىلا ئادەتتىكى ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدى، يەنە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى «ئوغرىلاپ كېتىشى»گە قانداقمۇ يول قويالىسۇن؟ ئۇ ۋەقە گەرچە ئۆتۈپ كەتكەن كونا ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ، قانۇنمۇ ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. -- بۇنداق يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ، چۈنكى، ھەممىسىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كىشىلىك ھاياتتىكى رەڭدار پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرىدىغان كۈرەش ھېكايىسى بار. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بولسا، بىر بالا كىشىلىك ھاياتنىڭ يۈكسەك ۋە كەڭلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم پەيت، بىر ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋە كوللېكتىپنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت، شۇنداقلا ھەر قايسى ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ مەنپەئەت ئەندىزىسىنى دۆلەت قاتلىمىدىن تەڭشەيدىغان ئادىل رىقابەت پەيتى. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە ئەڭ سەزگۈر ئىش. مائارىپ ئادىللىقى بولسا باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئادىللىق، شۇنداقلا پۇرسەتنىڭ ئادىللىقى، قائىدىنىڭ ئادىللىقى، شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىدە چوقۇم ئادىل تاللاش مىزانى گەۋدىلەندۈرۈلۈشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كىشىلەرنى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىش، جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تولۇقلاشقا رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  بالىلار ئىمتىھاندا جىددىيلەشمىسۇن. ناۋادا مەغلۇپ بولسا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قىيامەت كۈنى ئەمەس. قاراڭ، ئەزەلدىن ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىغا كىرىپ باقمىغان جۇ شۆچىن، ئۇ شىمالىي جياڭسۇنىڭ سۈينىڭ كەنتىدىكى بىر قىز، 17 يېشىدا شاڭخەيگە ئىشلىگىلى كېلىپ، كېيىن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدى، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  بۇ دەۋر بولسا، «كېلىپ چىقىشى» قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇلۇت ئارىسىدا سەيلە قىلىدىغان دەۋر. تور دەۋرى كىشىلەرگە "ھەممە كىشى باراۋەردۇر" دەپ ئېنىقلىما بەردى. پەقەت بىر دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تور تېرمىنالى بولسىلا، ھەممە ئىش مۇمكىن. ئىلگىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولغان ئارزۇلارنى ئەمدى ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە «بۇلۇت»لار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن .

  ئەلۋەتتە، بىز يەنە بىر قاتلامدىكى ئادىللىقنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىمىز. جەمئىيەتتە پەقەت ئىش تەقسىماتىلا ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجە بولمايدۇ؛ مەيلى مەمۇرلار، ئاق ياقىلىقلار ياكى كۆك ياقىلىقلار بولسۇن، مەيلى شەھەر ئاھالىسى ياكى دېھقانلار بولسۇن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ، ھەممىسىنىڭ بەخت ھوقۇقى بار، ھوقۇقى يوقلىقىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سەۋەبسىز "ئوغرىلىنىپ كېتىشى"دىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. 2020- يىلى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بەخت تىلەيمىز! – بىز ئادىللىق نامى بىلەن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ئۇلار بۈگۈن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى جاۋاب بەرگەي!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ